UyghurMain Dictionary
لېۋىس
چەت ئەل تەنتەربىيە چولپانلىرى
ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تارىخىدا بىراقلا تۆت دانە ئالتۇن مېدال ئالغان يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسىدىن پەقەت ئىككىيلەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى لېۋىس (يەنە بىرى ئوۋېنىس).1981
- يىلى لېۋىس ئۆزىنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان: زال ئىچى يىراققا سەكرەش تۈرىدە49 .8 مېتىرغا سەكرىگەن.1982 - يىلى ئۇ ئالدى بىلەن60 .8 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن ئۆزى ساقلاپ كەلگەن زال ئىچى يىراققا سەكرەش رېكورتىنى بۇزۇپ، ئۇلاپلا ئامېرىكا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا100 مېتىرغا10 سېكۇنت يۈگۈرۈشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتقان.1983
- يىلى6 - ئايدا لېۋىس ئىندىئانا شتاتىنىڭ پاۋگېيستا ئۆتكۈزۈلگەن يېنىك ئاتلېتىكا مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە79 .8 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن يىراققا سەكرەشتە بىرىنچى بولىدۇ، دۇنيا رېكورتىغا11 سانتىمېتىر كېمىپ قالىدۇ. ئۇلاپلا ئۇ200 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە19 سېكۇنت5 .7 دەقىقىلىق ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.19 سېكۇنت2 .7 دەقىقىلىق دۇنيا رېكورتىغا پەقەتلا03 .0 سېكۇنت كېچىكىپ قالىدۇ.1983 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ ئۈچ ئالتۇن مېدال ئېلىپلا قالماي، ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە100 ×4 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇۋېتىدۇ.1984 - يىلى لوس - ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لېۋىس ئۇدا تۆت ئالتۇن مېدال ئېلىپ، »تۆت چېمپىيونلۇق پادىشاھى« دەپ ئاتىلىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1) جون لېۋىللىن لېۋىس (1880 - 1969) ئامېرىكا سانائەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسىگە ئاساس سالغۇچى. ياش ۋاقتىدا كان ئىشچىسى بولغان. 1906 - يىلىدىن باشلاپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1917 - 1918 - يىللىرى ئامېرىكا كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1919 - يىلى مۇۋەققەت رەئىس، ئىككىنچى يىلى رەئىس بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. 1935 - يىلى ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن گرېن قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئىختىلاپى بولۇپ قېلىپ تەشكىلات بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1938 - يىلى سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، بۇنىڭ رەئىسى بولغان. دەسلىپىدە روزۋېلىتنىڭ <يېڭى سىياسىتى>نى قوللىغان، 1940 - يىلى بۇرۇلۇپلا ۋىلىكنىڭ زۇڭتۇڭلۇقنى تالىشىشىنى قوللاپ روزۋېلىت بىلەن قارشىلىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سانائەت ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەن، لېكىن كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىنى 1960 - يىلغىچە ئۆتىگەن. (2) سىنكلېر لېۋىس (1885 - 1951) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. مىننىسوتا شتاتىدا دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1907 - يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئاخبارات مۇخبىرى، گېزىت - ژۇرنال مۇھەررىرى بولغان. 1914 - يىلى تۇنجى ئەسىرى <بىزنىڭ رەئېن ئەپەندى>نى ئېلان قىلغان. 1920 - يىلى <چوڭ كوچا>نى يېزىپ شۆھرەت قازانغان. 1922 - يىلى <بابىت> نى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئامېرىكا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ چاكىنا تۇرمۇشىنى سۈرەتلەپ، ئۇششاق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مىشچان ئادىتىنى كۈچلۈك مەسخىرە قىلغان. تەسۋىرى كۈچلۈك، يۇمۇرلۇق ۋە جانلىق بولۇپ، يېڭى ئوبرازلارنى ياراتقانلىقتىن، 1930 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. 1936 - يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات دوكتۇرلۇقى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە <ۋۇنۇننىڭ چۈشى>، <ئاروسمىس>، <ئىرمى گامېتلې>، <چېجېدىن پولەننېخ>، <تاۋۇجېۋۇس> قاتارلىق رومانلىرى بار.