Uyghur←ChineseMain Dictionary
لىۋوۋ
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر利沃夫
lì wò fū
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق لىۋوۋ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى شەھىرى. ئۇكرائىنانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر دىنىستى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بىلەن بۇگ دەرياسى ئارىلىقىدىكى ئېدىرلىق رايونغا جايلاشقان. ئەتراپىدا كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. شەھەر ئاھالىسى 742 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). 1867 - يىلدىن 1918 - يىلغىچە ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى دائىرىسىدە بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پولشاغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1939 - يىلى سوۋېتكە قوشۇلغان. سانائەتتە ماشىنىسازلىق (ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، كان ماشىنىلىرى، ئېلېكترون قاتارلىق)، توقۇمىچىلىق ھەم يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەردە نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن تەتقىقات، لايىھىلەش ئورۇنلىرى، 16 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرگىچە سېلىنغان مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.