Uyghur←ChineseMain Dictionary
لىۋونىيە رىتسارلار پولكى
Domain: دۇنيا تارىخى立窝尼亚骑士团
lì wō ní yà qí shì tuán
گېرمان تېوتون رىتسارلار پولكىنىڭ بىر تارمىقى. 1237 - يىلى شەكىللەنگەن بولۇپ، لىۋونىيىنى باشقۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1242 - يىلى 4 - ئايدا، لىۋونىيە رىتسارلار پولكى مۇز قاپلانغان چۇد كۆلىدە نوۋگورود قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان (<مۇز ئۈستى ئۇرۇشى> گە قارالسۇن). شۇنىڭدىن كېيىن شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلمىغان. رىتسارلار پولكىنىڭ باشلىقى رىگا شەھىرىدە تۇرۇپ، دۆلەت تەشكىلىي قۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1410 - يىلى 7 - ئايدا، تېوتون رىتسارلار پولكى گرۇنۋارد جېڭىدە پولشا - لىتۋا - روسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلگەن. بۇنىڭ تەسىرى لىۋونىيە رىتسارلار پولكىغىمۇ يەتكەن. ⅥⅩ ئەسرىنىڭ باشلىرىدا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، رىتسارلار پولكى يەنىمۇ ئاجىزلاشقان. لىۋونىيە ئۇرۇشى (1558 - 1583) دەۋرىدە مەزكۇر رىتسارلار پولكى 1560 - يىلى 8 - ئايدا روسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يېڭىلگەن. 1562 - يىلى مارتتا پارچىلىنىپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.