UyghurMain Dictionary
لۇمبىنى
دۇنيا تارىخى
<سۆيۈملۈك>، <تۈز> مەنىلىرىنى بېرىدۇ. بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ مەشھۇر يادىكارلىقىنىڭ بىرى. نېپالنىڭ لۇمبىنى ۋىلايىتىدە، گھاگھارا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا بولۇپ، بۈگۈنكى نامى رۇممىندىچ. رىۋايەت قىلىنىشچە، بۇددىزىمنىڭ ياراتقۇچىسى ساكيامۇنى مۇشۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. سۇپرابۇددا ئايالى لۇمبىنى ئۈچۈن مۇشۇ يەردە باغ بىنا قىلدۇرغانىكەن. 1896-يىلى قېزىلغان ئاسو كاتاش تۈۋرۈك پۈتۈكى بۇ يەرنىڭ لۇمبىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. 1967-يىلى نېپال ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى بۇ يەردە يەنە قېزىش ئېلىپ بۇت، ساپالدىن ياسالغان ئادەم بېشى ھەيكىلى، تەڭگەقاتارلىق نەرسىلەرنى تاپقان. ئايال ئىلاھ ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن مائورىيا سۇلالىسى دەۋرىدە تاشقا ئۇيۇلغان بۇددانىڭ تۇغۇلۇشى سۈرىتى تېپىلغان. جۇڭگولۇق راھىب شۈەنزاڭ بۇ يەرگە كېلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ خاتىرىلىرىدىكى پاكىتلار يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان نەرسىلەرگە ماس كېلىدۇ. ھازىر بۇ يەردە كۆلچەك، بۇددا دەرىخى (مۇقەددەس فىكۇس دەرىخى) ۋە مۇنار ئىزى بار. نېپال ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ يەردە لۇمبىنى خارابىلىرى مۇزېيى قۇرۇۋاتىدۇ. لۇمبىنى يادىكارلىقى نېپال تارىخىنى ۋە جۇڭگو، نېپال مەملىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمكى دەۋرلەردىكى مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئالماشتۇرۇشلارنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممەتكە ئىگە.