UyghurMain Dictionary
لۇگالاندا
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 24 - ئەسىر) قەدىمكى دەۋردىكى مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېر شەھەر دۆلىتى لاگاشنىڭ خانى (پادىشاھى). تەختتە ئولتۇرغان چاغلىرىدا مەملىكىتىنىڭ ھەممە جايلىرىغا نازارەتچى ۋە باجگىرلارنى ئەۋەتىپ، يېزا جامائەسى ئەزالىرىدىن ئېغىر باج ئالغان، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالغانق. بۇتخانا - ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋە تۆۋەن قاتلام كاھىنلارنىڭ مال - مۈلكىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان ھەمدە بەزى ئىبادەتخانىلارنى دۆلەتكە سېلىق تاپشۇرۇشقا زورلىغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 2378 يىل ئىلگىرى خەلق ئاممىسى ۋە تۆۋەن قاتلام كاھىنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇكاگىنا ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزگەن.