UyghurMain Dictionary
لۇجژ ۋېي
پسىخولوگىيە
بۇ جۇڭگولۇق تىلشۇناس، پىسخولوگ. ئۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغان. نەنجىن ئالىي سىفەن مەكتىپىدە، دۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدە پىروفېسسورلۇق قىلغان، يەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا مۇدىر بولغان، ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو پىسخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، سىياسىي كېڭەش 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى. جۇڭگو يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇ ئۆمۈر بويى پىسخولوگىيە، خەنزۇ تىلى فونىتىكىسى ۋە گىرامماتىكىسى ۋە گىراماتىكىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شوغۇللانغان. ئۇنىڭ « جۇڭگو بالىلىرىنىڭ چەكسىز ئاسسوتسىئاتسىيىسى »، « مائارىپ پىسخولوگىيىسى توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە »، « قەدىمكى تاۋۇشلار ھەققىدە قىسقىچە سۆز » قاتارلىق كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالىلىرى بار.