UyghurMain Dictionary
لۇدھى سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1451 - 1526)دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ 5 - سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى لۇدھىلاردىن بەھلۇل لۇدھى (1451 - يىلىدىن 1489 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سەئىدىيە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن قۇردى. دېھلىنى پايتەخت قىلدى. دەسلەپ دېھلى بىلەن لاھۇر ئارىلىقىدىكى زېمىن بىلەن چەكلەندى. 1451 - يىلى مولتانغا يۈرۈش قىلدى. كېيىن 20 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ جەۋنپۇرنى ئىشغال قىلىپ، پەنجاپنىڭ دەريا ئارىلىقىدىكى رايونلىرىنى قولغا كىرگۈزدى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىسكەندەر لۇدھى (1489 - يىلىدىن 1517 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە جەۋنپۇرنى تىنجىتىپ، بىخارنى بويسۇندۇرۇپ، چېگرىسىنى بېنگالغىچە كېڭەيتتى. مەمۇرىي باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەرغىب قىلدى. مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. سۇلتانلىقتا تۇنجى قېتىم تىنچ، گۈللەنگەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان ئىبراھىم (1517 - يىلىدىن 1526 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) رەھىمسىز، ئىقتىدارسىز بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. پەنجابنىڭ ۋالىسى دەۋلەتخان موڭغۇل قوشۇنىنى تاجاۋۇز قىلىشقا قىزىقتۇردى. 1526 - يىلى پانپات ئۇرۇشىدا سۇلالە مەغلۇپ بولدى. سۇلتانلىقمۇ يوقالدى.