UyghurMain Dictionary
لى شېڭ
دۇنيا تارىخى
(1831 - 1863) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پادىشاھى (1849 - 1863). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى جېزۇڭ. چۇەنيۇەن دايۇەنجۈن لى گۇاڭدېنىڭ 3 - ئوغلى. شيەنزۇڭنىڭ تەخت ۋارىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دېۋەنجۈن قىلىپ تەيىنلەنگەن. كېيىن پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە شىرەم تۇغقىنى ئەن دوڭجىن جەمەتى زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلغان، خەلق زۇلۇمىغا چىداپ تۇرالماي جىنجۇ، چىنجۇ ۋە شيەنسىڭ قاتارلىق ئايماقلاردا ئۇدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. دېڭىز بويلىرىدا چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، دۆلەت كۈچى كۈنسېرى ئاجىزلاپ كەتكەن.