UyghurMain Dictionary
لى شى
دۇنيا تارىخى
(1852 - 1919) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پادىشاھى (1863 - 1907). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى گاۋزۇڭ. شىڭ شۇەن دايۇەنجۈن لى شاڭيىڭنىڭ 2 - ئوغلى. 1863 - يىلى تەختتكە چىققاندا ئاران 12 ياش بولۇپ، ئاتىسى نائىب بولغان. 1874 - يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن ئوردا ئىچىدە تەرەققىپەرۋەرلەر بىلەن مۇتەئەسسىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ تۇرغان. سىرتقى ئاپەت كۈچىيىپ، دۆلەت كۈچى كۈنسېرى زەئىپلەشكەن. 1897 - يىلى دۆلەت نامىنى <بۈيۈك كورىيە ئىمپېرىيىسى> گە ئۆزگەرتىپ ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ ئاتىغان. 1907 - يىلى گائاگادا چاقىرىلغان 2 - قېتىملىق <دۇنيا تىنچلىق يىغىنى>غا مەخپىي ئەلچى ئەۋەتىپ قاتناشتۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىنىشنى تەلەپ قىلغان، ئىش ۋۇجۇدقا چىقماي ئەكسىچە ياپونىيەنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويۇپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغان. 1916 - يىلى ياپونىيە چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن لى تەيۋاڭ دەپ نام بېرىلگەن. 1919 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۇيۇقسىز قازا تاپقان. ئېيتىلىشچە ياپونلۇقلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنكەن. بۇ 1919 - يىلى <1 - مارت ھەرىكىتى> نىڭ پارتلىشىغا بىۋاستە سەۋەب بولغان.