UyghurMain Dictionary
لىپازا
بىئولوگىيە
ياغنى، ياغ كىسلاتاسى ۋە گلىتسېرىن ئېستېرى ياكى گلېستېرىن مونو ئېستېرىغا گىدرولىزلايدىغان ئېنزىم. ئادەتتە ئالدى بىلەن α - ئورنىدىكى ياغ كىسلاتاسىنى گىدرولىزلايدۇ، ئاندىن كېيىن β - ئورنىدىكى ياغ كىسلاتاسىنى گىدرولىزلايدۇ. ياغلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىدا، مىكرو ئورگانىزملاردا ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ تەركىبىدە مول بولىدۇ. سانائەتتە يالغان يىپلىق ئېچىتقۇ، يۇمىلاق ئېچىتقۇلار ياغ كىسلاتا ئېنزىم ياسالمىلىرىنى تەييارلاشتىكى خام ئەشيا قىلىنىدۇ.