UyghurMain Dictionary
لىبېرالىستلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
(1) ئەنگلىيە بۇرژۇئا پارتىيىسى. تەكتى خۇيگ پارتىيىسى. بۇ نام 1832 - يىلى پارلامېنت ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئۇمۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. سودا - سانائەت بۇرژۇئازىيىسى ئۇنى ئاساسلىق ئىجتىمائىي تۈۋرۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيىدە 19 - ئەسرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن بىللە ئەڭ چوڭ پارتىيە ھېسابلانغان. مەزكۇر پارتىيىنىڭ داھىيىسى گلادىستون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم كابېنت تەشكىل قىلغان (1868 - 1874، 1880 - 1885، 1886، - 1892 - 1894). 1886 - يىلى ئېرلاندىيە ئاپتونومىيە قانۇنى لايىھىسى مەسىلىسى ئۈستىدە بۆلۈنۈش بولغان. جوسېف چېمبېرلىن قاتارلىقلار دەسلىپىدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ كۈچى تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن. 1924 - يىلدىن كېيىن ئورنىنى ئىشچىلار پارتىيىسى ئىگىلىگەن. 1931 - يىلى 10 - ئايدا ماكدونالد مىللىي ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىرلەشمە كابېنتقا قاتناشقان، ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگلىيە سىياسىي سەھنىسىدە زور تەسىرى بولمىغان. (2) ئامېرىكىدىكى قۇللۇقتىن بىكار قىلغۇچىلاردىن تەشكىل قىلىنغان سىياسىي گۇرۇھ. 1840 - يىلى دوگلاس بىلەن ئاكا - ئۇكا تاپان باشچىلىقىدىكى قۇللۇقنى بىكار قىلغۇچىلار قۇرغان، ئۇلار قانۇنلۇق كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ قۇللۇقنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمىغان. 1848 - يىلى ئەركىن تۇپراق پارتىيىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. (3) ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى مەملىكەت خاراكتىرلىك پارتىيە. 1881 - يىلى ئۆكتەبردە قۇرۇلغان. ئىتاگاكى تايسۇكې لىدېر، ناكاجىمانوبۇيۇكې مۇئاۋىن لىدېر بولغان. ئەزالىرى دەسلىپىدە 100 دىن ئارتۇقراق بولۇپ، كېيىن كۆپىيىپ 2500 گە يەتكەن. <ئەركىن ئاخبارات> نى چىقىرىپ، ۋاسسال ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، پارلامېنت تەسىس قىلىش، يەر بېجىنى كېمەيتىش ۋە شەرتنامىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇشى ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رادىكاللىق ھەرىكىتى، پارتىيە رەھبەررلىك گۇرۇھىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن، 1884 - يىلى 10 - ئايدا تارقىتىۋېتىلگەنلىكى جاكارلانغان. (4) مېيجى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرلىدىكى ياپونىيە پارتىيىسى. 1890 - يىلى ئوئى كېتتارو قاتارلىقلار ئاساسىي قانۇنلۇق لىبېرالىستلار پارتىيىسنى ئۇيۇشتۇرغان. 1891 - يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1898 - يىلى تەرەققىيپەرۋەر پارتىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق پارتىيىنى قۇرغان. ئۇزاققا بارماي بۇ پارتىيە بۆلۈنۈپ، ئەسلىدىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر قايتىدىن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي پارتىيىسىنى، ئەسلىدىكى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىدىكىلەر قايتدىن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي مەركىزىي پارتىيىسىنى قۇرغان. 1900 - يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي پارتىيە تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئاساسىي قانۇنلۇق مەسلەكداشلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. (5) ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى. 1945 - يىلى 11 - ئايدا توياما ئىچىدو قاتارلىقلار ياپونىيە لىبېرلىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1949 - يىلى 3 - ئايدا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ چىققۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، دېموكرات لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1950 - يىلى 3 - ئايدا دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلەشكۈچىلەر گۇرۇھىنى قوبۇل قىلىپ، نامىنى لىبېرالستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1955 - يىلى 11 - ئايدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسنى قۇرغان.