UyghurMain Dictionary
لوللاردچىلار
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئەسىردە ئەنگلىيە قاتارلىق غەربىي ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقلىرىنىڭ كاتولىك چېركاۋىغا قارشى <بىدئەت> مەزھىپى. <لوللارد> دېگەن سۆز ئوتتۇرا ئەسىردىكى گوللان يېزىقى Lollaert دىن كېلىپ چىققان (<پىچىرلاپ ئىبادەت قىلغۇچى> دېگەن مەنىدە). تەخمىنەن 1300 - يىلى خەير - ئېھسان تەشكىلاتى نامى بىلەن نېدىرلاندىيىدىكى ئانتوۋېرپېن (ھازىر بىلگىيىگە قاراشلىق) دا مەيدانغا كەلگەن. 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەنگلىيەدىكى لوللاردچىلارنىڭ كۆپى ۋىكلىفنىڭ مۇرىتلىرى ئىدى، ئۇلار بىرقەدەر رادىكال بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىلى بال ئىدى. ئۇلار ھاشارنى بىكار قىلىشنى، ئۆشرە ۋە باشقا باج - سېلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى،چېركاۋنى مال - مۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىشنى، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە مال - مۈلۈك باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ مەزھەپتىكى دىن تارقاتقۇچىلار قوپال تىكىلگەن كاسايالارنى كىيىشىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن قاتلام خەلقلەر ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار 1881 - يىلدىكى ۋات تەيلېر قوزغىلىڭى ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەييارلىغان، بال قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ سايلانغان. 1414 - يىلى ئەنگلىيەدىكى لوللاردچىلار يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاز بولمىغان مۇرىتلىرى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقى ۋە شوتلاندىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. لوللاردچىلارنىڭ پائالىيىتى 16 - ئەسىردە ئەنگلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان دىن ئىسلاھاتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.