Chinese→UyghurMain Dictionary
兰克学派
دۇنيا تارىخى
رانكېچىلىق ئىلمىي ئېقىمى
غەربتە يېقىنقى زامان بۇرژۇئا تارىخچىلىقىدىكى مۇھىم ئىلمىي ئېقىملارنىڭ بىرى. ⅩⅨ ئەسىرىنىڭ 30-يىللىرى گېرمانىيىدە شەكىللەنگەن. ياراتقۇچىسى ⅩⅨ ئەسىردە ياشىغان گېرمان تارىخچىسى رانكې بولغاچقا شۇنداق دە پائتالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: ۋايتىس گىئېسېبرېخت، سىبېل قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. <ئوبيېكتىپچىلىق> ۋە <ئىلمىي ئۇسۇل> دېگەننى كۆككە كۆتۈرۈپ، تارىخ يېزىشتا ئوبيېكتىپ - ئادىل بولۇشنى، ئۇيان - بۇيان ئاغماسلىقنى، ئاپتور ئۆزىنىڭ سىياسىي خاھىشى ۋە دىنىي بىر تەرەپلىمىلىكلىكىنى قىستۇرماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. تارىخ يېزىشتا بىرىنچى قول ئەسلى ماتېرىياللارنى بولۇپمۇ شۇ ۋەقەلەر شاھىدلىرىنىڭ ئەسلى خاتىرىلىرىنى ئىشلىتىشنى تەكىتلىگەن. تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ راست - يالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەشتە تارىخىي ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ۋە پەرق ئېتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. لېكىن رانكېنىڭ تارىخچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئەمەلىيىتى ھامان بۇنىڭغا زىت بولغان. رانكېنىڭ شاگىرتلىرى گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى نەچچە ئون يىل ئۆز جاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرغان. مەزكۇر ئېقىمنىڭ تارىخشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە تارىخشۇناسلىق ئۇسۇلى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىىدىكى غەرب بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىقى تەرەققىياتىنىڭ غول ئېقىمى بولۇپ قالغان. فرانسىيە، ئەنگلاىيە، ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكلەتلەردە ئېتىقادچىلىرى ۋە ۋارىسلىرى بولۇپ، تەسىرى ناھايىتى زور بولغان، ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.