Chinese→UyghurMain Dictionary
兰克
دۇنيا تارىخى
رانكې
(1795 - 1886) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. <رانكېچىلىق ئىلمىي مەزھىپى> نىڭ ياراتقۇچىسى. ياشلىقىدا لېيپسىگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئىلاaىيەت ۋە كلاسسىك تىلشۇنالىق ئۆگەنگەن. 1818-يىلى رەسمىي پروفېسسورى بولغان. 1841-يىلى <پرۇسسىيە دۆلەت تارىخى ئەمەلدارى> لىقىغا تەيىنلەنگەن. 1865-يىلى ئاقسۆڭەكلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1871-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيىگە چىققان. بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 40 نەچچە يىل جەريانىدا سېمىنار (تەتقىقاتچىلا سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى) نى تەتبىق قىلىپ، زور تۈركۈمدىكى تارىخ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلىگەن. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنى مەركەز قىلغان <رانكېچىلىق ئىلمىي مەزھىپى> شەكىللەنگەن. ئۇ تارىخ يېزىشتا <ئەينەن بايان قىلىش> نى تەلەپ قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە تارىخىي پاكىتلارنى پەرق ئېتىپ بېكىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەچكە، غەرب ئالىملىرى تەرىپىدىن <ئىلمىي پوزىتسىيە> ۋە <ئىلمىي ئۇسۇل> بويىچە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تۇنجى كىشى، دەپ ئاتالغان. ئۇ پرۇسسىيە خان جەمەتىنىڭ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قوللاپ، ئىنقىلابقا قارشى تۇرغان، قەھرىمانلار تارىخ قارىشى ۋە مىستىسىزم تەقدىرچىلىكىنى تەرغىپ قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <پاپالا تارىخى>، <دىنىي ئىسلاھات دەۋرىدىكى گېرمانىيە تارىخى>،
<پرۇسسىيە پادىشاھلىقى تارىخى>، <فرانسىيە تارىخى>، <ئەنگلىيە تارىخى>، <ئىمپېراتور فرېدېرىكنىڭ تەرجىمىھالى>، <ۋاللېنىشتېيننىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلىقلار بار. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا <دۇنيا تارىخى> نى يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنى ئورۇندىيالماي ۋاپات بولغان