ل[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمەبىرىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە بىرىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.[CRLF]«ل» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ل»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ل»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ل»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىل»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «لې».[CRLF]«ل» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۇچى چىش تۈۋى تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن قوۋۇز (يان) تاۋۇشى، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.[CRLF][CRLF]«ل» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى[CRLF][CRLF] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئال، قال، سال، چال، كەل، بول، قىل» پېئىللىرى تۈرلەنگەندە بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن «ل» تاۋۇشى جانلىق تىلدا چۈشۈپ قالسىمۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزىدا چۈشۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا جانلىق تىلدا[CRLF]ئالسىلا ئا:سىلا[CRLF]كەلسەم كە:سەم[CRLF]قالغان قا:غان[CRLF]چالماق چا:ماق[CRLF]بولسا بو:سا