UyghurMain Dictionary
گېنېتىكا
بىئولوگىيە
بىئولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىدۇ. يەنى ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ئىرسىيەت ماددىسىنىڭ ماھىيىتى، ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ئىرسىيەت خەۋىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گېنېتىكا تەتقىق قىلىش ئوبيېكتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، مىكروبىئولوگىيە گېنېتىكىسى، ئۆسۈملۈكلەر گېنېتىكىسى، ھايۋانلار گېنېتىكىسى ۋە ئىنسانلار گېنېتىكىسى قاتارلىقلارغا؛ تەتقىق قىلىدىغان مەسىلەياكى سەۋىيىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن ئىممۇنىتېت گېنېتىكىسى، دورا گېنېتىكىسى، ھەرىكەت گېنېتىكىسى، ئىكولوگىيىلىك گېنېتىكا، ھۈجەيرە گېنېتىكىسى، تۈركۈم گېنېتىكىسى ۋە مولېكۇلا گېنېتىكىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
بىئولوگىيە
جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىق قانۇنىيتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.