UyghurMain Dictionary
كۈشەردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆل كۈشەردى _ كۆل توشۇپ كەتتى، تېشىپ كەتكۈدەك تولدى ( كۈشەرۈر _ كۈشەرمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئالىن تۆپۈ ياشاردى
ئۇرۇت ئوتىن ياشۇردى
كۆلنىڭ سۇۋىن كۈشەردى
سىغىر بۇقا مۆڭرەشۈر
«تاغ تۆپىسى ياشاردى،
قۇرۇق ئوتنى يوشۇردى،
كۆل سۈيىنى تاشۇردى،
سىيىر، بۇقا مۆرىشۇر.»
باھار تەسۋىرلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: تاغ تۆپىلىرى (چوققىلىرى) يېڭى ئۆسۈملۈك بىلەن ياپ - يېشىل بولۇپ كەتتى؛ قۇرۇق ئوتلارنى ياش ئوتلار قاپلاپ كەتتى؛ كۆللەرنىڭ سۇلىرى تېشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە تولۇپ كەتتى؛ سىيىر (ئىنەك)، بۇقىلار سۆيۈنۈشۈپ مۆرەشمەكتە.
قاچىدىكى سۇ لېۋىگىچە تولۇپ، تېشىپ كېتىش دەرىجىسىگە يەتسىمۇ، « كۈشەردى» دېيىلىدۇ.
2 - 104