UyghurMain Dictionary
كۈشەندە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇسابىقە، مۇنازىرىلەردە بىر - بىرىگە قارشى تەرەپلەر.
رەقىب ئەسلىدە «ئىشقىي دۈشمەن» نى كۆرسىتەتتى. ھازىر تەنتەربىيىدە مۇسابىقىلاشقان تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.
«مۇخالىپ» ئىلمىي- نەزەرىيىۋى كۈرەشتە بىر بىرىگە قارشى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ.
«رىقابەتچى» سىياسىي -
ئاجىز دۈشمەننى سەل چاغلىما، مۇدھىش رەقىبتىن قورقما. مۇخالىپلىرىمىز يەڭمەكچى، بىز يېڭىلمەيمىز. رىقابەتچىگە رىئايە يوق. يەڭگەن بولساڭ، كۈشەندەم يوق دېمە.
بىئولوگىيە
تەبىئەت دۇنياسىدا بىر خىل ھايۋان باشقا جانىۋار (جانلىقلار) تەرىپىدىن ئوزۇقلۇق قىلىنىش ياكى پارازىتلىنىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھايۋاننى ئاشۇنداق ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان جانلىق (جانىۋار) مۇشۇ خىل ھايۋاننىڭ كۈشەندىسى ھېسابلىنىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسۈملۈك، ھايۋان قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا جانلىقلار تەرىپىدىن ئوزۇق قىلىنىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئۆز كۈشەندىسى بولىدۇ. مەسىلەن، مۈشۈكياپىلاق چاشقانلرنى تۇتۇپ يېگەچكە چاشقاننىڭ كۈشەندىسى؛ قۇشلار ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، بەزى يىپ قۇرتلار ياكى پارازىت ھەرىلەر بەزى ھاشاراتلاردا پارازىتلىنىپ شۇ ھاشاراتلارنىڭ كۆپىيىپ يامراپ كېتىشىنى تومۇزلايدۇ، شۇڭا ئۇلار شۇ ھاشاراتلارنىڭ كۈشەندىسى ھېسابلىنىدۇ. زىيانداش قۇرتلارنىڭ كۈشەندىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار (ۋىرۇس باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ)، پروتوزا (ئاددىي ھايۋانلار)، يىپ قۇرتلار، سالجىلار، كۈشەندە ھاشاراتلار (تۇتۇپ يەيدىغان ياكى پارازىتلىنىدىغان) ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار (بېلىقلار، قوش ماكانلىقلار، قۇشلار، قۇرتخور ھايۋانلار) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ساھەسىدە ھەم مېدىتسىنا ھاشاراتلىرى ساھەسىدە كۈشەندىلەردىن پايدىلىنىپ زىيانداش قۇرتلاردىن مۇداپىئەلىنىدۇ، بۇ ئادەتتە <بىئولوگىيىلىك مۇداپىئەلىنىش> دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئامانلىقىغا، بىخەتەرلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان، زىيان - زەخمەت يۈتكۈزىدىغان ئامىل؛ زىيانداش، دۈشمەن.
نەسىردىن باينىڭ ھازىرقى بىردىنبىر كۈشەندىسى ئېرپان ئىدى.