UyghurMain Dictionary
كۈچەيتىش
پسىخولوگىيە
شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىش جەريانىدا، شەرتلىك تەسىرنىڭ شەرتسىز تەسىر بىلەن ۋاقىت جەھەتتىن بىرلىكتە تەكرارلىنىشى كۈچەيتىش دېيىلىدۇ. شەرتلىك رېفلېكسنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى شەرتسىز تەسىر بىلەن كۈچەيتىشنىڭ نەتىجىسى. مۇستەھكەم شەكىللەنگەن تەرتلىك رېفلېكس ئۆزىنىڭ شەرتلىك تەسىرىنى كۈچەيتكۈچى تەسىر قىلىپ، يېڭى شەرتلىك تەسىر بىلەن تەسىرىنى كۈچەيتكۈچى تەسىر قىلىپ، يېڭى شەرتلىك تەسىر بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەرتلىك رېفلېكسنى شەكىللەندۈرشى مۇمكىن. ئىنسانلار تىلى يېڭى شەرتلىك رېفلېكسنى شەكىللەندۈرۈشتە كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.