UyghurMain Dictionary
كۈچەدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
زورلۇق قىلدى، زۇلۇم سالدى؛ باسقۇنچىلىق قىلىدى.
ئول ئانىڭ تاۋارىن كۈچەدى _ ئۇ ئۇنىڭ مېلىغا زورلۇق قىلدى ( كۈچەر _ كۈچەمەك). ئوغلانىغ كۈچەدى _ بالىغا باسقۇنچىلىق قىلدى. دېدەككە باسقۇنچىلىق قىلسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۈزىك مەنى كۈچەيۈر
تۈن كۈن تۇرۇپ يىغلايۇ
كۆردى كۆزۈم تاۋراقىن
يۇرتى قالىپ ئاغلايۇ
«ئىشق ماڭا زۇلۇم سالدى،
كېچە - كۈندۈز يىغلايمەن؛
چۈنكى كۆزۈم كۆردى: ھەش - پەش دېگۈچە
يۇرتى بوش قالدى.»
ئىشق ماڭا زۇلۇم سالغاچقا، كېچە - كۈندۈز يىغلايمەن؛ يۇرتىنى بىردىنلا بوش قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
3 - 353