UyghurMain Dictionary
كىسۋە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «يوپۇق» دېگەنلىك بولۇپ، بەيتۇللاغا يېپىلغان قارا مەخمەل يوپۇق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» دىكى سۈرىلەر زەر يىپتە كەشتىلەنگەن بولۇپ، بەيتۇللانىڭ تەكتىگە پولات چەمبەر بىلەن تۇرقلاشتۇرۇلىدۇ. كىسۋە مىسىردا تەييارلىنىدۇ. ھەر يىلى ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى (ھىجىرىيە 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 28 كۈنىگىچە) ئۇنى تۆگە كارۋىنى مەككىگە ئېلىىپ كېلىدۇ. كونا قارا يوپۇق ئېلىۋېتىپ ئاق يوپۇق ئالماشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. ھەج تاۋاپ پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا، ئاق يوپۇق ئېلىۋېتىلىپ، يېڭى قارا يوپۇق يېپىپ قويۇلىدۇ. كەبىنىڭ ئىشىكىدىمۇ يوپۇق بولۇپ، ئۇمۇ مىسىردا تەييارلىناتتى. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەييارلىنىدىغان بولدى.