UyghurMain Dictionary
كىشاترىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ياساۋۇللار تەبىقىسى. ۋارنا تۈزۈمى قاتارىدا براخمانلاردىن تۆۋەن بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار ھەربىي، مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، پادىشاھ بۇ تەبىقىنىڭ باشلىقى ھېسابلىنىدۇ. <مانۇ قانۇنى>دا: <خەلقنى قوغداش، خەير - سەدىقە قىلىش، نەزىر - چىراغ قىلىش، ۋېدا ئۆگىنىش ھەم راھەت - پاراغەتلەردىن ئۆزىنى تارتىش> دەپ بەلگىلەنگەن (1، 89). كىشاتىرىيىلەر ئەمەلىيەتتە قەدىمكى ھىندىستان دۆلىتىدىكى دەھرىي ھۆكۈمرانلار سىنىپىدىن ئىبارەت. كىشاترىيە ۋارناسىدا، بەزىلەر تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنىڭ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسلى سالاھىيىتى ئۆزگەرمىگەن.