UyghurMain Dictionary
كروكې
دۇنيا تارىخى
(1866 - 1952) ئىتالىيىلىك پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، ئەدەبىي - سەنئەت تەنقىدچى ۋە يېڭى گېگېلچى. ئاچۇلا شەھىرىدە تۇغۇلغان. چوڭ پومىشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1883 - يىلى رىم داشۆسىدە قانۇن ئۆگەنگەن (ئوقۇشنى پۈتتۈرەلمىگەن). 1886 - يىلى نېئاپولغا قايتىپ كېلىپ ئىلمىي تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 0319 - يىلى <تەنقىد>نى تەسىس قىلغان ۋە ئۇنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. 1910 - يىلىدىن باشلاپ ئۆمۈرلۈك كېڭەش ئەزاسى بولغان. 9201 - 1921 - يىللىرى جامائەت مائارىپى ۋەزىرى بولغان. 1925 - يىلى <فاشىزمغا قارشى زىيالىيلار خىتابنامىسى>نى ئېلان قىلغان. 9441 - يىلى بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1943 - 1947 - يىللىرى لېبراللار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1947 - يىلى ئىتالىيە تارىخ تەتقىقات ئورنىنى تەسىس قىلغان. پەلسەپە جەھەتتە، روھ بىردىنبىر چىنلىق، تارىخ - مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ جەريانى. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم زامان سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەڭگۈلۈك چىنلىق مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىغان. سىنىپىي كۈرەش ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابىي تەلىماتىغا قارشى تۇرغان. ماركسىزمغا قارشى تۇرغان. ئېستىتىكا جەھەتتە، ئوبىكتىپ گۈزەللىك مەۋجۇت ئەمەس، گۈزەللىك پەقەت بىۋاستە تۇيغۇ ۋە سۇبىكتىپ ئىجادىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، شېئىر باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا ئوخشىمايدۇ، ئالاھىدە رولغا ئىگە دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <مەنىۋى پەلسەپە>، <تارىخىي ماتىرىيالىزم ۋە ماركسىزملىق ئىقتىساد>، <ئېستىتىكا ۋە سىياسىي>، <شېرىيەتچىلىك>، <شېئىرلار توپلىمى>، <ئىتالىيە تارىخى>، <گېگېل توغرىسىدا> ۋە <خەۋەرلەر توپلىمى> قاتارلىقلار بار.