UyghurMain Dictionary
كروگ
دۇنيا تارىخى
(1874 - 1949). دانىيىلىك فىزىئولگ. 1899 - يىلى كوپىنھاگېن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زوئولوگىيە پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. C. پول فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1908 - يىلى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتىتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1916 - 1945 - يىللىرى پروفېسسور بولغان. كاپېللىيار تومۇر (قىل تومۇر)نىڭ قاننى تەڭشەپ مۇسكۇلغا قان يەتكۈزۈپ بېرىشتىكى مېخانىزملىق رولى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشۇپ، 1920 - يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا ئىلمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. گازنى يەڭگۈشلەش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتتىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغنا. ئۇنىڭ <ئۆپكىدىكى ھاۋانى يەڭگۈشلەش مېخانىزمى>، <كاپېللىيار تومۇر ئاناتومىيىسى ۋە فىزىئولوگىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.