UyghurMain Dictionary
كوۋېر
دۇنيا تارىخى
(1769 - 1832) فرانسىيىلىك بىئولوگىيە ئالىمى، سېلىشتۇرما ئاناتومىيە ۋە قەدىمكى بىئولوگىيە ئاساس سالغۇچى. 1802 - يىلى تەبىئەت تارىخى مۇزېيىدا سېلىشتۇرما ئاناتومىيە پروفېسسورى بولغان. 1803 - يىلى تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە دائىمىي كاتىپ مائارىپ ساھەسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچى ۋە ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن ۋەزىرى بولغان (1817 - يىلى). جانلىق ئورگانىزملارنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەت قانۇنىيىتىنى بايقاپ چىقىپ، لىننېنىڭ ھايۋانلارنى تۈرلەرگە بۆلۈش ئۇسۇلىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ سۈت ئەمگۈچىلەرگە ئۆتۈش تەرتىپىنى بايقاپ، قەدىمكى بىئولوگىيە پېنى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ لاماركنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىنى ئىنكار قىلىپ، كونا گېئولوگىيىدىكى كاتاستروفىزم ئارقىلىق تۈرلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ۋە داۋاملىشىش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ تەلىماتى قەدىمكى بىئولوگىيە ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، لېكىن <ئىنجىل> دىكى دۇنيانىڭ يارالمىش تەلىماتىغا ئورۇن قالدۇرۇپ قويغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <سېلىشتۇرما ئاناتومىيە دەرسلىكى>، <تاشقا ئايلانغان جىسىملار توغرىسىدا تەتقىقات> ۋە <ھايۋناتلار دۇنياسى> دىن ئىبارەت.