UyghurMain Dictionary
كوي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كوچا، يول، چوڭ يول:
مەھەللە، قىشلاق.
سۇ ئېقىنى، سۇنىڭ ئېقىشى.
1. ئانىڭ كويىدا كى ئىتالارغە قىلسام ئاشنالىق بەس،
بېرىپ كۆڭلۈمنى قىلسام مىزبانلىق مېھمانىمغە.
ئا. نىزارى.
گەر ئاشىق ئولۇپسە نەگدىن كەچ،
بۇ كوي ئىچىدە ھەيا نېدىندۇر.
ئەرشى.
مەسلەك، مەزھەپ، يول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈلگە كەچكەن تەسەۋۋۇر، پىكىر.
بويۇڭ بىلەن ماختانما، ئويۇڭ بىلەن ماختان. بۆرىنى ھەر قانچە باقساڭمۇ، ئوي - خىيالى جاڭگالدا. كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا. خىيال كېچىدە ئېچىلىدۇ، گۈل شەھەردە. ئوغرى مال كويىدا، قۇشناچ گال كويىدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى تەرىپىدىن ئۆي - ئىمارەت، دۇكان - ماگىزىنلار بولغان يول.
«كوي» ھازىر ئايرىم ئىشلىتلمەيدۇ.
قارىغۇلار كوچىسىدا ئەينەك ساتىمەن دېمە. ھاكىملار كويىدىن سەن خانە ئەيلە، ناكەسنى ئۆزۈڭدىن بىگانە ئەيلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوي، خىيال.
ھەر كىم ھەر كويدا، تاز خوتۇن ئەر كويىدا (ماقال).
غەرەز، مەقسەت.
مەلىكە ئاشۇ ئەڭگۈشتەرنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بوپتۇ.
بىرەر مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەت ياكى ئىش.
بۇ ئاداش خىلۋەت ئورمانغا بېشىنى تىقىۋېلىپ، جاھاندا نېمە كوي بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. كوچا،يول.
كوچا - كويغا چىقماق. كويغا سالماق. كويىغا كىرمەك.
ھە ئىنىم، تۇرمۇش مېنى مۇشۇ كويغا سالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
جان ت. كوي.
يۈز كوي.