UyghurMain Dictionary
كۆز بويىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يالغان سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن كىشىنى ئازدۇرماق، قايمۇقتۇرماق.
ئالداش _ ئەر - خوتۇن ئىناقلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى. گوللىغانغا بالا ياخشى، قۇرۇپ كەتسۇن قېرى قاقباش. ئىغۋاگەرلەرنىڭ كۆز بويىشىغا يول قويماسلىق بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. كۆز بويامچىلىق قىلىش _ مەككارلارنىڭ ھۈنىرى. جىسالارنىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ ئۆتۈپ كەتتىم. كۆز باغلاش ئاجىزلارغا ئۆتىدۇ، قابىللارغا ئۆتمەيدۇ. يولدىكى ساقچىلارنىڭ بۇرۇتىغا چاڭگا تىزىپ ئۆتۈپ كەتتىم. خەپ، ئۇ ئەبلەخ مېنى تاقىلاپ كەتتى، 1000 كوينى ئېلىپ كەتتى. ئۇ خېلى - خېلى كىشىلەرنىڭ بۇرىتىنى يىكەندە ئېلىپ يۈرىدۇ. بۇرھان بۆكۈمگە جىگدە سېلىپ، كىتابىمنى ئەپكەتكەنىدى، ھازىرغىچە قايتۇرمىدى،
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئالدىماق، گوللىماق، ئېزىقتۇرماق: - بۇ ئىغۋاگەرلەرنىڭ كۆز بوياشلىرىغا يول قويماسلىق بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، دېدى كۆپچىلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالدىماق، گوللىماق، ئېزىقتۇرماق.
- پۇقرانىڭ كۆزىنى بوياپ يېزا كادىرى بولۇۋالغىنىنى تېخى، بۇ مۇتتەھەم! - دېدى بىرەيلەن جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ.