UyghurMain Dictionary
كۆز باغلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يالغان سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن كىشىنى ئازدۇرماق، قايمۇقتۇرماق.
ئالداش _ ئەر - خوتۇن ئىناقلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى. گوللىغانغا بالا ياخشى، قۇرۇپ كەتسۇن قېرى قاقباش. ئىغۋاگەرلەرنىڭ كۆز بويىشىغا يول قويماسلىق بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. كۆز بويامچىلىق قىلىش _ مەككارلارنىڭ ھۈنىرى. جىسالارنىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ ئۆتۈپ كەتتىم. كۆز باغلاش ئاجىزلارغا ئۆتىدۇ، قابىللارغا ئۆتمەيدۇ. يولدىكى ساقچىلارنىڭ بۇرۇتىغا چاڭگا تىزىپ ئۆتۈپ كەتتىم. خەپ، ئۇ ئەبلەخ مېنى تاقىلاپ كەتتى، 1000 كوينى ئېلىپ كەتتى. ئۇ خېلى - خېلى كىشىلەرنىڭ بۇرىتىنى يىكەندە ئېلىپ يۈرىدۇ. بۇرھان بۆكۈمگە جىگدە سېلىپ، كىتابىمنى ئەپكەتكەنىدى، ھازىرغىچە قايتۇرمىدى،
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىر نەرسىنى بىراۋنىڭ كۆزىگە باشقا شەكىل، قىياپەتتە كۆرسەتمەك؛ سېھىرگەرلىك قىلماق: سىلەر ئۇنىڭ كۆز باغلاش ئۇسۇلى بارلىقىنى ئۇنتۇمىغان بولساڭلار كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىر نەرسىنى بىراۋنىڭ كۆزىگە باشقا شەكىل، قىياپەتتە كۆرسەتمەك؛ سېھىرگەرلىك قىلماق.
سىلەر ئۇنىڭ كۆز باغلاش ئۇسۇلى بارلىقىنى ئۇنتۇمىغان بولساڭلار كېرەك.