UyghurMain Dictionary
كۆرسەتكۈچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب -ژۇرنالدىكى ماۋزۇلار ياكى مۇھىم مەزمۇنلارنى يېزىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە بەت نومۇرىنى يېزىپ، مەلۇم تەرتىپتە تۈزۈپ چىقىلغان جەدۋەل.
<رويخەت> كۆپىنچە كىشى ناملىرى تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ.
<تۈركىي تىللار دىۋانى> ئىندىكىسى ئىشلەنمەكتە. <تارىم> نىڭ ھەر يىللىق تىزىمى ئىشلەندى. < ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆز - ئىبارىلەر لۇغىتى> كۆرسەتكۈچى مەلۇم سەۋەب بىلەن بېرىلمەي قالدى. <ماركس - ئېنگلېس ئەسەرلىرى> دىكى مەشھۇر شەخسلەر رويخېتى ھەرقايسى تومدا بېرىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، كۆرسىتىدىغان.
كۆرسەتكۈچ بارماق.
ئى. كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يېزىق، سائەت، ئىسترېلكا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.
يول كۆرسەتكۈچ.
ئېغىر سۇ تىپىدىكى ئاتوم قازىنىنىڭ باشقارمىسىدا پروفېسسور كۆرسەتكۈچلەرنى ئەستايىدىل كۆزەتمەكتە ئىدى.
ئى <مات> بىر ساننىڭ ئۆز - ئۆزىگە بىر قانچە قېتىم كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سان. ئادەتتە ئۇ، شۇ ساننىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى بۇرجىكىگە يېزىلىدۇ. مەسىلەن، 32،43،bn لارنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇرجىكىدىكى 2، 3، n قاتارلىق كىچىك سانلار كۆرسەتكۈچ بولىدۇ.
ئى <س ئىق> پىلاندىكى يەتمەكچى بولغان نىشان.
سۈپەت كۆرسەتكۈچى. ئىشلەپچىقىرش كۆرسەتكۈچى.
ئى <مائار> ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق، مەۋسۇملۇق ياكى چارەكلىك ئۆگىنىش ئەھۋالى ھەم نەتىجىسى قىسقىچە خۇلاسىلىنىپ، ئاتا - ئانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغان جەدۋەل.
يىللىق كۆرسەتكۈچنى ئۇ ئانىسىغا كۆرسەتتى.