Domain: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىچىراي، ھۆسىن، كۆرۈنۈش:
لالە كەبى زاھىر ئەيلەبان كۆرك،
ئەگرى قويۇبان قىزىل تېرى بۆرك.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تۇرق، قىياپەت، كۆرۈنۈش، مەنزىرە، چىرايلىق كۆرۈنۈش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىكۆرك، گۈزەللىك.
كۆركلۈگ _ كۆركەم، چىرايلىق.
1 - 458
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىھۆسىن، جامال، تۇرق، چىراي
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىئالامەت، نىشان، قىياپەت
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىھەيئەت، ئەزا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
چىراي، ھۆسىن، گۈزەللىك.
تىك كۆركى ماقال، يىگىت كۆركى ساقال (ماقال).
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۆرك، جەلپ قىلىش كۈچى؛ نىشان. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.