UyghurMain Dictionary
كۆپىيىش سىستېمىسى
بىئولوگىيە
ھايۋان تېنىدىكى تۈر نەسلىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئورگانلارنىڭ ئومۇمىي نامى. جىنسسىز كۆپىيىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرلا ئەجداد تەنىسى بولسىلا ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ. ئېنىق دىففېرېنسىيىلەنگەن كۆپىيىش ئورگانلىرى بولمايدۇ. لېكىن جىنسلىق كۆپىيىدىغان ھايۋانلاردا ئادەتتە ئەجداد تەنىسى ئىككى بولۇشى زۆرۈر بولۇپ، ئەركەك، چىشىدىن ئىبارەت جىنسىي ئايرىمىغا بۆلۈنىدۇ. ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەركەك، چىشى كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنى (تۇخۇم ۋە سپېرما) ھاسىل قىلىدۇ. ئاندىن بۇ ئىككى خىل ھۈجەيرىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىقلا ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنى ئېلىپ ئېيتقاندا كۆپىيىش سىستېمىسى كۆپىيىش بەزلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپىيىش بەزلىرى كۆپىيىش ھۈجەيرىسى ۋە جىنسىي گورمونلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بەزلەر ئەركىكىنىڭ ئۇرۇقدان (تېستىس)، چىشىسىنىڭ تۇخۇمدانىدىن ئىبارەت. قوشۇمچە ئورگانلاردىن سپېرما - تۇخۇملارنى توشۇيدىغان نەيچە - قاناللىرى ھەم قوشۇمچە بەز قاتارلىقلىرى بولىدۇ. بۇلار ئەركىكىدە قوشۇمچە ئۇرۇقدان (يان ئۇرۇقدان)، سپېرما نەيچىسى (ئۇرۇق نەيچىسى)، پروستاتا (مەزى) بېزى، زەكەر، ئۇرۇقدان خالتىسى قاتارلىقلار، چىشىسىدا بولسا، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، بالىياتقۇ (ماتكا)، ۋاگىنا (جىنسىي يول) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.