UyghurMain Dictionary
كۆپ يىپلىق خروموسوما
بىئولوگىيە
قوش قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ شۆلگەي بەز ھۈجەيرىسى قاتارلىق تەن ھۈجەيرىسىدىكى بىر خىل زور خروموسوما بولۇپ، ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى: (1) ئالدىنقى دەۋردىكى ھالىتىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرىدۇ؛ (2) ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلار ئىككى - ئىككىدىن جۈپ تۈزۈپ ئۇزۇنىغا تۇتىشىدۇ ۋە تەن ھۈجەيرىسىدىكى ئالاھىدە جۈپ تۈزۈش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ. كۆپ يىپلىق خروموسوما نۇرغۇنلىغان خرومونېمىلارنىڭ پاراللېل تىزىلىپ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، بۇ يادرودىكى كۆپ قېتىملىق يىپلىق بۆلۈنۈشنىڭ نەتىجىسىدۇر. خرومونېمىلارنىڭ ئۈستىدە خروماتىن دانىچىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ماس ھالدا توغرىسىغا تىزىلىپ، خروموسوما ئۈستىدىكى لېنتىسىمان سىزىقنى تەشكىل قىلىدۇ. بەزى يېتىلىش مەزگىللىرىدە كۆپ يىپلىق خروموسومىلارنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرى كۆپۈپ <شالاڭ رايون> ياكى <پې ھالقىسى> نى ھاسىل قىلىدۇ. تەتقىقاتلار بۇنىڭ گېننىڭ كۆچۈرۈلۈپ، RNA سىنتېزلىنىۋاتقان قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. كۆپ يىپلىق خروموسومىلار ئادەتتىكى خروموسومىلارغا ئوخشىمايدىغان روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى بىلەن كۆچۈرۈش فۇنكىسىيىسى بىر ۋاقىتتا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، شۇڭلاشقا كۆپ يىپلىق خروموسوما ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ خروموسومىدىكى گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ياخشى ماتېرىيالى بولالايدۇ.