UyghurMain Dictionary
كۆپچىلىككە ئەگىشىش ھەرىكىتى
پسىخولوگىيە
كۆپچىلىككە ئەگىشىش پسىخىكىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار: بىرى، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكرى كەمچىل بولۇش، مۇستەقىللىقى بولماسلىق. بۇنداق كىشىلەر بىرەر ئىشقا يولۇققاندا كۆڭلىدە سان بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ قارىشىغا ئىشەنمەيدۇ، باشقىلار نېمە قىلسا شۇنى توغرا دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى، ھەرىكەت مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن. ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭى يېتەرسىز، «ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە ھەممىنىڭ بېشىغا تەڭ چۈشىدۇ»، «خاتالىق كۆرۈلسە يالغۇز مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئەمەس» دېگەن پسىخىكىدا بولىدۇ.ئۈچىنچى، بېسىم ھېس قىلىش. مەسىلەن، قول كۆتۈرمىسە سەت بولىدۇ، دەپ قاراپ قول كۆتۈرىدۇ.
كۆپچىلىككە ئەگىشىش ھەرىكىتى زادى ياخشىمۇ - يامانمۇ؟ بۇنىڭدا ئەگەشكەن «كۆپچىلىك»نىڭ توغرا قىلغان - قىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. چۈنكى، كىشىلەر جەمئىيەتتە ياشايدۇ، جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، توپ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ، ھەربىر ئادەم مۇئەييەن ئىجتىمائىي توپنىڭ بىر ئەزاسى. توپنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇشچانلىقى ئۆز ئەزالىرىنىڭ چاقىرىق قابىلىيىتى ۋە تەشكىللەش قابىلىيىتىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، توپ ئىلغارلىق ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلغاندا، شەخس تەشكىلگە بويسۇنۇپ، كۆپچىلىككە ئەگىشىش ھەرىكىتىدە بولۇشى كېرەك، بۇ شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. بىراق، كۆپچىلىككە ئەگىشىش پسىخىكىسى تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئاڭلىق، ئېنىق مەقسەتلىك ئىنكاس بولماستىن، بەلكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە مۇستەقىل پىكرى كەمچىل، سۇبېېكتىپ قارىغۇلارچە ئەگىشىش ۋە بېسىم ئاستىدا تىز پۈكۈشتەك پسىخىكىلىق ھالەت بولغاچقا، بۇنداق پسىخىكىنى ئىمكانقەدەر يېڭىش كېرەك.