UyghurMain Dictionary
كۆكخوت مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەھىرىدىكى كونا شەھەرنىڭ شىمالىي قوۋۇقى سىرتىدا. بۇ مەسچىت 1693 - يىلى ۋە 1789 - يىلى سېلىنغان دېگەن سۆزلەر بار. مەسچىتنىڭ دەسلەپكى كۆلىمى چوڭ بولمىغان، كېيىن چوڭ رېمونت قىلىنغان. ھازىرقى ئىمارەت 1923 - يىلىدىن كېيىن سېلىنغان. مەسچىتنىڭ نامى ئەرەبچە يېزىلغان ھەمدە ھەر خىل نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن. ئىمارەت يەرلىك ئىسلام بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مەسچىت ئىچىدە 1694 - ۋە 1925 - يىللىرىدىكى تاش ئابىدىلەر بار. بۇ مەسچىت نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.