UyghurMain Dictionary
كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيىسى تۈرىدىكى مىكرو ئورگانىزم
بىئولوگىيە
ئەڭ بۇرۇن يۇقۇملۇق كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كالىيىدىن ئايرىۋېلىنغان بىر خىل بىئولوگىيىلىك شەكلى بىر قەدەر ئۆزگىچە بولغان مىكرو ئورگانىزم. كېيىن ئۇ ئادەم، قوي، ئات، چوشقا، ئىت، مۈشۈك، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي ھايۋان ئۆي قۇشلىرىدا، چوڭ چاشقان، كىچىك چاشقان، دېڭىز چوشقىسى قاتارلىق تەجرىبە ھايۋانلىرىدا ھەمدە پاسكىنا سۇ، تۇپراق، ئۆستۈرۈلگەن توقۇلما ۋە ئۆسۈملۈكلەردە ئۆزلۈكسىز تۈردە بولىدىغانلىقى بايقالدى. ئۇ گەرچە كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكىنى قوزغىمىسىمۇ، لېكىن شەكلى، ئۆستۈرۈش ئالاھىدىلىكى جەھەتلەردە كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى مىكرو ئورگانىزمغا ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيىسى تۈرىدىكى مىكرو ئورگانىزم دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭغا 1967 - يىلى مىكوپلازما دەپ رەسىمىي نام بېرىلدى (<مىكوپلازما> غا قاراڭ)