UyghurMain Dictionary
كۆك ئوردا خانلىقى
دۇنيا تارىخى
موڭغۇللار قۇرغان فېئودال دۆلەت. زېمىنى كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىنى، غەربتە ئورال دەرياسىغىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 13 -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى باتۇخان بۇ جاينى ئۇكىسى شەيبانغا ئىنئام قىلىپ بەرگەن. چېدىرنىڭ رەڭگى كۆك بولغانلىقتىن باتۇخاننىڭ ئالتۇن رەڭلىك چېدىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، كۆك ئوردا خانلىقى دەپ ئاتالغان. 15 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئاق ئوردا خانلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۆزبېك خانلىقى دەپ ئاتالغان.