UyghurMain Dictionary
كۆيدۈرگە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دائىم پىتنە - پاسات، ئىغۋا تېرىپ يۈرىدىغان كىشى.
پىتنىخور تىرناقتىن تۈك ئۈندۈرەر. ئىغۋاگەرنىڭ سۆزى يامان، سۆزدىنمۇ ئۆزى يامان. ئۆسەكچى ئۆزى ئازابلىنار. پىسقى - پاساتچى ئاخىرى پاسات بولار. كۆيدۈرگەن خەقنى كۆيدۈرىدۇ. ئۆزىنى كۈل قىلىدۇ. ئوتقۇيرۇقى دۈشمەندىن يامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<تېب> ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. ئات، كالا، قويغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئادەملەرگە يۇقىدۇ.
كۆچمە. باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەجرى، ئەمگىكى ياكى خىزمىتى قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈش، يوققا چىقىرىش قىلمىشلىرىغا ئادەتلەنگەن كىشى.