UyghurMain Dictionary
كۆي
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
كۆيمەك، كۆيۈش. 1 . يانماق، تۇتاشماق، ئوت ئالماق.
ئوتۇن كۆيدى. كۆيدۈرگۈ. * ئۆيۈڭ كۆيسۇن نائەھلى !
2 . ئوت ياكى ئىسسىقلىق ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر يېرىگە تېگىپ زەخىملەنمەك. قولۇم كۆيدى. * سۆزلىسە تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم (ماقال). * ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە، ئىچىدە كۆي (ماقال). * ئاغزى قېتىقتا كۆيۈپتۇ (ماقال).
3 . ئاي قوتانلىماق. ئاي كۆيۈپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كۆيمەك، كۆيۈش. 1 . ياخشى كۆرمەك، مۇھەببەت قويماق، ئىشق چۈشمەك.
كۆيۈپ قالماق. * مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىىسىغا (ماقال) . * كۆيگەنگە كۆي، كۆرۈنگەنگە كۆيمە (ماقال). * قىزنىڭ سۆيگىنىگە ئىشەنمە، كۆيگىنىگە ئىشەن (ماقال).