UyghurMain Dictionary
كۆچۈرۈش
پسىخولوگىيە
تەپەككۇر جەريانىدا، بىرمۇنچە مەسلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى باشقا مەسلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تەسىر قىلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە كۆچۈرۈش ( بەزىدە كۆچۈش ) دېيىلىدۇ. كۆچۈش ئىجابى، سەلبى، دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ياكى بۇلار مەنپى كۆچۈرۈش، مۇسبەت كۆچۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرىكى تەجرىبىمىز ھازىرقى مەسلىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولسا، ئىجابى كۆچۈرۈش ( ياكى كۆچۈش ) بولىدۇ. ئىلگىرىكى تەجرىبە كۆز ئالدىمىزدىكى مەسلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز ياكى توسقۇنلۇق قىلسا، بۇ سەلبى كۆچۈرۈش بولىدۇ.
تەجرىبىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، كۆچۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك شەرتى شۇكى، كونا، يېڭى بىلىمنىڭ ماھارەتتە ئورتاقلىق ئامىلى بولۇشى كېرەك. ئۆگەنگنچىنىڭ بىلىم تەجرىبىسىدە مەلۇم بولۇشى كېرەك. ئۆگەنگۈچىنىڭ بىلىم تەجرىبىسىدە مەلۇم ئومۇملاشتۇرۇش جەريانى بىلەن يېقىن باغلىنىشلىقى بار. كۆچۈرۈش ئاساسەن، تەپەككۇر جەريانىدىكى چۈشىنىشنىڭ كۆچۈرلۈشى ( قائىدىلەرنى كۆچۈرۈش )، مەسلىنى ھەل قىلىش قابىلىيتىنى كۆچۈرۈش، ماھارەت مەشىقىدە ھەرىكەت ماھارىتىنى كۆچۈرۈش ياكى ئەقلىي ماھارەتنى كۆچۈرۈشلەردىن ئىبارەت. « بىر كالتەكتە ئىككى پاختەكنى سوقۇش »،« بىرنى بىلىش بىلەن باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىش » دېگەنلىرىمىزمۇ ئەنە شۇ كۆچۈرۈش نەزەرىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.