UyghurMain Dictionary
كۆچۈرمە
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆچۈرمە ئوچۇق _ كۆچۈرمە ئوچاق، بىر يەردىن ئىككىنچى يەرگە يۆتكىگىلى بولىدىغان ئوچاق. كۆچۈرمە ئويۇن _ «ئون تۆت» دەپ ئوقۇلىدىغان بىر خىل ئويۇن. يەرگە قورغان شەكلىدە تۆت سىزىق سىزىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئون ئىشىك ئېچىلىپ يۇمۇلاق تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ئۇرۇق قىلىپ ئوينىلىدۇ.
1 - 638
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئەسلىي نۇسخىدىن يېزىپ، سىزىپ، كۆچۈرۈپ ئېلىنغان.
كۆچۈرمە بۆلەك. كۆچۈرمە نۇسخا. كۆچۈرمە گەپ. كۆچۈرمە تەركىب.
سۈپ. باشقىلارنىڭ ئىشىدىن، ئەسىرىدىن ئەينەن ياكى قىسمەن كۆچۈرۈلگەن، ئوغرىلانغان:!كۆچۈرمە ئەسەر.
ئى. ئەسلىي نۇسخىدىن يېزىپ، سىزىپ، كۆچۈرۈپ ئېلىنغان نۇسخا.