UyghurMain Dictionary
كلېئومېن
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 255 - 219) قەدىمكى سپارتانىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 235 - 222). لىئوند Ⅱ نىڭ ئوغلى. ئاگېس Ⅳ نىڭ تەسىرگە ئۇچراپ، سپارتادىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، جەنۇبىي گرېتسىيىدىكى زوۋانلىق ھوقۇقىنى يېڭىۋاشتىن تىكلەش غەرىزىدە، لىكۇرگ زامانىدىكى كونا تۈزۈمنى ۋە ئاللىقاچان يىمىرىلگەن <باراۋەرچىلەر جامائەسى> نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. مىلادىدىن 235 يىل ئىلگىرى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، قوراللىق كۈچ بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان؛ بىر نەچچە نەپەر مۇپەتتىش ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرگەن، بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەرنى سۈرگۈن قىلغان. سېنات ۋە مۇپەتتىش ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. قەرزلەرنى بىكار قىلىپ، يەرلەرنى قايتا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەمدە 4500 نەپەر ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان پېرېكىلارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بەرگەن. بۇ ئىسلاھات ئاقسۆڭەك مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە ئاكائىيە ئىتتىپاقى (ئاراتۇ باشچىلىقىدىكى) ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى ھۆكۈمرانلىرىنى ۋەھىمىگە قويغان. ئاكائىيە ئىتتىپاقى ماكېدونىيە بىلەن بىرلىشىپ مۇداخىلە يۈرگۈزگەن. سپارتا ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، مىلادىدىن 222 يىل ئىلگىرى سېللاسىيە (سپارتانىڭ شىمالىي قىسمىدا) جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەن. دەسلەپ مىسىر پادىشاھى پىتولېمىي Ⅲ نىڭ قوبۇل قىلشىغا مۇيەسسەر بولغان. بىراق پىتولىمېي Ⅳ (فلوپات) تەختكە چىققاندىن كېيىن قاماپ قويۇلغان. ئۇ، كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، قايتا باش كۆتۈرمەكچى بولغان، بىراق ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقۇچىلار بولمىغانلىقتىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ماكېدونىيە ئارمىيىسى سپارتاغا بېسىپ كىرىپ، يۇقىرىقى ئىسلاھاتنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغان.