UyghurMain Dictionary
كلوئاكا
بىئولوگىيە
چىقىرىۋېتىش - كۆپىيىش بوشلۇقى، ياكى ئورتاق چىقىرىش بوشلۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تېنىدىكى ھەزىم قىلىش يولى، چىقىرىۋېتىش نەيچىسى ۋە كۆپىيىش نەيچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىنىڭ ئورتاق ئېغىز ئاچقان جايىدىكى ئومۇمىي بوشلۇق بولۇپ، يەنە بوشلۇقتىن بەدەن سىرتىغا ئېغىز ئاچقان. مەسىلەن، ئەركەك ئاسكارىدانىڭ سپېرما توشۇش نەيچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى سپېرما ئېتىش نەيچىسى بىلەن توغرا ئۈچەي ئاخىرقى ئۇچىنىڭ قوشۇلغان ئورنى (چىقىرىۋېتىش نەيچىسىنىڭ باشقا تۆشۈكى بولىدۇ)، چاقلىق قۇرتنىڭ ئۈچەي، دوۋساق ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىنىڭ قوشۇلۇش ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كلوئاكا دېيىلىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن قوش ماكانلىقلار، يەر باغىرلىغۇچىلار (ئۆمۈلىگۈچىلەر)، قۇشلار ۋە بىر تۆشۈكلۈك ئېمىتكۈچى ھايۋانلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كلوئاكا بولىدۇ. ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى ھەزىم قىلىنمىغان ئوزۇقلۇق قالدۇقلىرىنى، مېتابولىزمدىن چىققان كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش ۋە كۆپىيىشتىن ئىبارەت.