UyghurMain Dictionary
كەبە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەپچە سۆزنىڭ مەنىسى «كۇبىك ئۆي» دېگەنلىك بولۇپ، «ئاللانىڭ ئۆيى» (بەيت ئاللا) نى كۆرسىتىدۇ. مەسچىدىل ھەرام ئىچىدە تاشتىن ياسالغان قەسىر قۇرۇلۇشى بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇغان چاغدىكى قىبلىسى ۋە ھەج مەركىزىدۇر. كەبىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىردىن كۆپرەك، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 10 مېتىردىن كۆپرەك، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 15 مېتىر بولۇپ، 25 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاق تاش ئۇل قىلىنغان. تۆت بۇلۇڭنىڭ ئۈچ بۇلۇڭى ئۆز يۆنىلىشى بويىچە ئىراق بۇلۇڭى، سۈرىيە بۇلۇڭى، يەمەن بۇلۇڭى دەپ ئاتالغان. شەرقىي جەنۇب بۇلۇڭىغا ھەجەرۇل ئەسۋەد قۇيۇلغانلىقتىن بۇ بۇلۇڭ «ھەجەرۇل ئەسۋەد بۇلۇڭى» دەپ ئاتالغان. شەرق تەرىپىدە يەردىن ئىككى مېتىر ئارىلىقتا ئىككى قانىتى ئالتۇندىن قويۇلغان دەرۋازا بار. كەبىنىڭ ئۆگزىسىنى ئۈچ تال يوغان ياغاچ تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. كەبىنىڭ ئىچىگە مەرمەر تاش يېيىتىلغان، ئاسما چىراغ ۋە بېغىشلىمىلار بار. كەبىنىڭ سىرتىغا زەر يىپ بىلەن «قۇرئان كەرىم» دىكى سۈرىلەر ۋە زىننەت نۇسخىلىرى كەشتىلەنگەن قارا مەخمەل يوپۇق يېپىلغان (بۇ يوپۇق يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ). ئىسلام دىنىدا كەبىنى ئىنساننىڭ ئەجدادى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە .ۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام باشقىدىن سالغان، دەپ قارىلىدۇ(«قۇرئان كەرىم» دىكى 22 - سۈرىنىڭ 26 - ئايىتى، 2 - سۈرىنىڭ 127 - ئايىتى). ئەسلىي قەدىمكى ئەرەب مۇشرىكلىرى بۇدلارغا سەجدە قىلىدىغان قەسىر ئىدى. 623 - يىلى 12 - ئايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ ۋەھىيىسى بويىچە (3 - سۈرىنىڭ 96 - ئايىتى) مەدىنىدە كەبىنى مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغان چاغدىكى قىبلىسى دەپ ئېلان قىلدى. 628 - يىلى كەبىنى تاۋاپ قىلىشنى ئىسلام دىنىدىكى پەرز، دەپ ئېلان قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 - يىلى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى باشلاپ مەككىنى پەتھى قىلىپ، مۇشرىكلارنىڭ ئۇ يەردىكى 360 بۇتىنى چېقىۋېتىپ، ئۇ يەرنى مەسچىت قىلىپ ئۆزگەرتتى، مەككىنى ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى مۇقەددەس جايى قىلىپ بېكىتتى. كەبە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ پاك «بەيتۇللا» (ئاللانىڭ ئۆيى) بولۇپ قالدى. ئۇمەييە سۇلالىسى 684 - يىلى ئەسكەر ئەۋەتىپ ئابدۇللا بىنى زۇبەھىرنىڭ قوزغىلىڭىغا زەربە بەرگەندە كەبە ئۇرۇش ئوتىدا كۆيۈپ كېتىپ، دەرھال قايتىدىن ياسالدى. 692 - يىلى ئابدۇ مالىك (685 - يىلىدىن 705 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئەسكەر ئەۋەتىپ مەككىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا كەبىگە مەنچاناق توپ ئېتىپ، بىنانى بۇزۇۋەتتى. كېيىن مالىك بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ياساتقۇزدى. 1630 - يىلى ئوسمانلى سۇلتانى مۇراد Ⅳ (1622 - يىلىدىن 1639 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە مەككىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ ئاپەت بولغاندا كەبە يەنە رېمونت قىلىندى. ھازىرقىسى مانا شۇ چاغدىكى قۇرۇلۇشتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدىكى زىيارەت قىلىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جايى.