UyghurMain Dictionary
كەئبە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەككە شەھىرىدىكى زىيارەتگاھ، مۇقەددەس جاي؛ مۇسۇلمانلار قىبلىسى:
كۆڭۈل؛ مۇرات - مەقسەت:
1. دەيچۇ كويۇڭدا تاپىپ ئىشقىم كەمال ئول نەۋئىكىم،
ئالغامەن ۋەقتى سۇجۇد ئەر كەئبەۋۇ بۇتخانەدۇر.
ئەرشى.
ئانى كەئبەگە يەتكۈزۈڭ بۇ زەمان،
كى مەقسەدنى تەڭرىگە ئەيلە ئەيان.
ئا. نىزارى.
2. كەئبەكى ئالەمنىڭ ئولۇپ قىبلەسى،
قەدرى يوق ئانداق كى كۆڭۈل كەئبەسى.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەككىدىكى مۇبارەك ئۆي(بۇ ئۆي ئوشۇق شەكلىدە بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان)؛ ئوشۇق؛ تۆت چاسا بىنا؛ مەركەز؛ مۇھىم مەقسەت.
دۇنيا تارىخى
ئەرەپچە Kabaنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ <ئۆي> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى <بەيتۇللا> دەپ ئاتايدۇ. ئۇ مەككىدىكى <مەسچىدىل ھەرەم> نىڭ ئىچىگە جايلاشقان چاسا تاشتىن قوپۇرۇلغان قەسىرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكى قارىغان يۆنىلىش بويىچە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىراق بۇرجىكى، سۈرىيە بۇرجىكى، يەمەن بۇرجىك ۋە قارا بۇرجەك (<ھەجرۇل ئەسۋەت - قارا تاشقا يېقىن بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان) دەپ ئاتىلىدۇ. قەسىر >قۇرئان< ئايەتلىرى - زەر يىپ بىلەن كەشتىلەنگەن قارا يوپۇق بىلەن يېپىپ قويۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام بىلەن ئوغلى ئىسمايىل ياسىغانىكەن. قەسىردىكى ھەجرۇل ئەسۋەتنى ئۇلۇغ پەرىشتە جىبرائىل ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن كىشىلەر بۇنى قەسىرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىدىكى تامغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىكەن. كەئبە قەدىمكى زامان ئەرەبلىرى تەرىپىدىن مۇقەددىس ھېسابلانغان، مۇشرىكلارنىڭ نەزىر - چىراق قىلىدىغان مەركىزى بولغان. مىلادى 623 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان قىبلىسى قىلىپ بەلگىلىگەن. 630 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام مەككىگە كىرگەندىن كېيىن قەسىر ئىچىدىكى بۇتلارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج - تاۋاب قىلىش مەركىزى سۈپىتىدە مەسچىدىل ھەرەمگە ئۆزگەرتكەن. كەئىبىنى تاۋاپ قىلىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ بەش پەرزىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىگەن.