UyghurMain Dictionary
كىدېرلېن ۋېچتېر
دۇنيا تارىخى
(1852 - 1912) گېرمانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1910 - 1912). بانكىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1879 - يىلدىن تارتىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1895 - يىلى دانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1899 - 1910 - يىللىرى رومىنىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. بۇ جەرياندا 1908 - يىلى 11 - ئايدا بېرلىنغا چاقىرتىلىپ، ۋاقىتلىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قىلىنىپ، گېرمانىيە - فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ماراكەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە ۋە بوسىنىيە كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشتۇرۇلغان. تاشقى ئىشلار ۋەزىر بولغان مەزگىلدە، ئەنگلىيە، روسىيىنى ھەدەپ ئۆزىگە تارتىپ فرانسىينى يېتىم قالدۇرۇپ، ئانتانتا دۆلەتلىرىنى پارچىلىماقچى بولغان. 1911 - يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ماراكەش كرىزىسىنى پەيدا قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋەتكەن.