UyghurMain Dictionary
كىدو تاكايوشى
دۇنيا تارىخى
(1833 - 1877) ياپونىيە مىيجى رېفورمىسى دەۋرىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەربابى. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدا ئوتتۇرا تەبىقىدىن كېلىپ چىققان. ئەسلى ئىسمى ۋادا، كېيىن كاتسۇرا ئائىلىسىگە بالا قىلىپ بېرىلگەنلىكتىن كاتسۇراكوگورۇ دەپ ئاتالغان. 1865 - يىلى فامىلىسىنى كېدوغا ئۆزگەرتكەن. بوشىدا شوئىننىڭ ئوقۇغۇچىسى. پېررى پاراخوت باشلاپ ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئائىكاۋانى قوغداشقا قاتناشقان. بۇنكيۇ يىللىرىدا ۋاسسال ھۆكۈمەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ پادىشاھلىقنى قەدىرلەپ چەت ئەللىكلەرنى يەكلەش ۋە شوگناتنى ئاغدۇرۇشتىن ئىبارەت رېفورما ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. توكۇگاۋا شوگناتىنى ئاغدۇرۇپ، رېفورمىچى ھاكىمىيەت قۇرۇشتا غايەت زور رول ئويناپ سائىگوتاكا مورى، ئوكۇبو توشىمىچى بىلەن بىللە مىيجى رېفورمىسىدىكى <ئۈچ ئەزىمەت> دەپ نام ئالغان. مىيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كېڭەشچى، مەسلىھەتچى، پارلامېنت ئەزاسى بولغان. <بەش ماددىلىق ئەھدىنامە> نى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۋېلىش ۋە ۋاسساللىقنى بىكار قىلىپ، ناھىيە تەسىسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1871 - يىلى ئىۋاكۇرا توموتى قاتارلىقلار بىلەن بىللا ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان. 1873 - يىلى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ئىچكى جەھەتتىكى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قوشۇن ئەۋەتىپ چاۋشيەننى ئىستىلا قىلىشقا قارشى تۇرغان. 1874 - يىلى سىياسىي كۆز قاراشتا چىقىشالمىغانلىقتىن، پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. كېيىنكى يىلى ئۇساكا يىغىنىدىن كېيىن ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىرىنچى نۆۋەتلىك يەرلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. غەربىي - جەنۇب ئۇرۇشىدا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. كېيىن سەككىز توملۇق <كىدوتاكا يوشى مەكتۇپلىرى>، ئۈچ توملۇق <كىدو تاكايوشى خاتىرىلىرى> نەشىر قىلىنغان.