Uyghur←ChineseMain Dictionary
كارادژا
Domain: دۇنيا تارىخى卡腊扎
kǎ là zhā
(1844 - 1868) بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1862 - يىلى بېلگرادتا بۇلغارىيە كورپۇسىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 6 - ئايدا بېلگراد قەلئەسىدىكى تۈركىيە گارنىزونىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان. 9 - ئايدا، كورپۇس تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن بولغارىيە پارتىزانلىق كۈرىشىگە قاتناشقان. 1868 - يىلى 7 - ئايدا (125 كىشىلىك) پارتىزان تارقاق قىسىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بالقان تاغلىرىنى بويلاپ ئىلگىرلەپ، يول ئۈستىدە تۈركىيە يەرلىك قىسىملىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. كېيىن تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئېغىر يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن، تۈرمىدە ئۆلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.