Uyghur←ChineseMain Dictionary
كارادىچ
Domain: دۇنيا تارىخى卡腊里奇
kǎ là lǐ qí
(1787 - 1864) سېربىيە مىللىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى. سېرب - خورۋات ئەدەبىي تىلى، يېزىقى ۋە ئىملاسىنى ئىسلاھ قىلغۇچى. 1804 - 1813 - يىللاردىكى سېربىيىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋېناغا كۆچۈپ كەتكەن. 1819 - يىلى روسىيىگە بېرىپ، روسىيە ئەدىبلىرى ۋە ئالىملىرى بىلەن تونۇشقان. 1828 - يىلى سېربىيىگە قايتىپ كېلىپ، قانۇن تۈزۈش يىغىنىنىڭ ئەزاسى ۋە بېلگراد سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. دالىماتسيە، چېرنوگورىيە ۋە گېرمانىيىلەردە ساياھەتتە بولغان. زور مىقداردىكى سېرب قوشاقلىرى، رىۋايەتلىرىنى توپلىغان. ئۆز ئېلىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى، رىۋايەتلىرى ۋە مەسەللىرىنى تەتقىق قىلىش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېرب مىللىتىنىڭ ئويغىنىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە كارىلل يېزىقىنى فونېتىكىلىق پرىنسىپلار بويىچە ئىسلاھ قىلىپ، ئاددىي ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن قوشۇپ يېزىش قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ سېربىيە، بوسنىيە ۋە چېرنوگورىيىلەرنىڭ تارىخىغا دائىر ئەسەرلىرىمۇ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە سېربىيىدە بولغان ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە يازما ھۆججەتلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.