UyghurMain Dictionary
كاناي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىستىن ياسالغان، نەيچىسى ئۇزۇن، ئاغزى كەڭ، پۈۋلەپ چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى.
«سۈپۈتمۆرە» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
كانايغا ياغ يوق، سۇنايغا ياغ نەدە. بۇرغا چالغاننىڭ ئوۋچى بولۇشى ناتايىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<مۇز> بىر خىل دۇخوۋوي چالغۇ. مىستىن ئۇزۇن ۋە ئاغزى كەڭ قىلىپ ياسىلىدۇ. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى دۇخوۋوي ئوركېستىرلاردا، يەنە بەزىلىرى ھەربىي قىسىملاردا سىگنال بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
كېسىك كونۇس شەكلىدىكى ئاۋاز چوڭايتىش ئەسۋابى. بەزىلىرى ئاددىي بولۇپ، ئىنچىكە تەرىپىنى بىۋاستە ئېغىزغا تۇتۇپ سۆزلەشكە بولىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، سىملىق رادىئو ئۈسكۈنىلىرىگە ئۇلىنىدۇ.
تۆت كانايلىق ئۈنئالغۇ.
مەش، ئوچاق، ساماۋار ۋە پار قازىنى قاتارلىقلارغائورنىتىلغان، قاڭالتىردىن ياسىلىدىغان ۋە ئىس، پار قاتارلىقلارنى چىقىرىۋېتىش، بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا ئۆتكۈزۈش رولىنى ئوينايدىغان تۇرۇبا شەكىللىك بۇيۇم؛ تۆمۈر تۇرخۇن.
مەشنىڭ كانىيى. ساماۋارنىڭ كانىيى.
<ئانات> نەپەسلىنىش ئورگىنىنىڭ بىر قىسمى. شەكلى تۇرۇبىغا ئوخشايدۇ. يېرىم ھالقا شەكىللىك كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلىدۇ ئېلاستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە يۇقىرىقى ئۇچى بوغۇز بىلەن تۇتۇشىدۇ. تۆۋەنكى ئۇچى ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوڭ ۋە سول قانات ئۆپكىگە كىرىدۇ.
كانىيىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولدى.
كۆچمە. گال؛ كېكىردەك.
كانىيىدىن ئالماق.