UyghurMain Dictionary
كانادا مۇسۇلمانلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى مۇدىرىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
كانادادىكى مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، 1974 - يىلى قۇرۇلدى. مەقسىتى: <ھەممە ئادەم باراۋەر بولغان، ئىنساننىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلغان، جەمئىيەت ئادىل، تىنچ بولغان ئاساستا، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادىل جەمئىيەت قۇرۇش> تىن ئىبارەت. كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ تەنتەربىيە سارايلىرىغا، كىتابخانىلىرىغا قاراشلىق چوڭ مەسچىتلىرى بار. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەربابلارنى شىمالىي ئامېرىكىغا كېلىپ دىننى تەرغىب قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇيدىغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بېرىدۇ. ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارنى ئېچىپ تۇرىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بىر نەچچە ئونغا يېتىدۇ.